مال سېتىۋىلىش

سېتىشتىن كىيىن

مال ئەۋەتىش

ئەلنۇر ھەقققىدە

ئەلنۇر ھەققىدە


دىيارىمىزدىكى رەقەملىك تۇرمۇشنىڭ باشلامچىسى، ئېلېكتىرون سودا ساھەسىنىڭ يارقىن نامايەندىسى شىنجاڭ ئەلنۇر ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكاچەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىپ چىقىرىش شۇنداقلا زاۋۇتتىن بىۋاسىتە مال بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنتىزىم  شىركەت  ، سودىدىكى سەمىمىيتى ۋە سېتىشتىن كىيىنكى ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن، ئەلنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

شىركىتىمىز ئاساسلىقى خەلقئارادا داڭلىق ماركا ياراتقان ئالما، سەنشىڭ، قارا بۆلجۈرگەن، شىياۋمى، خۇاۋېي قاتارلىق يانفون،تاختا كومپيۇتېر ۋە ھەرخىل ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى زاۋۇتتىن بىۋاسىتە كىرگۈزۈپ،توپ ۋە پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇبلىنىمىز .

 

شىنجاڭ ئەلنۇر ئىلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى

新疆安乐努热电子科技有限公司



شىنجاڭ ئەلنۇر ئىلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بۇلۇپ ئېلىكتورۇنلۇق ئۈسكىنە it ئالاقە ئۈسكۈنلىرى  ئاساسلىق تېلفون ، تاختا كومپىيوتىر سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ


قۇرغۇچىسى:

مۇھەممەتتورسۇن ئابدوغىنى

买吐送.阿布都艾尼


ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى : 20


شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى:

2006-يىلى گۇاڭدۇڭ شىنجىندا تۇنجى قەدەمدە شىيڭگاڭ ئەلنۇر ئېلېكتىرون پەن –تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان شىنجىندىكى شىركەت قۇرۇلغاندىن كىيىن پاكىستان، روسىيە، ئۆزبېكىستان ،قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلغان

2008 – يىلى خوتەندە ئەلنۇر ئېلىكتىرون سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئاقسۇ،يەكەن ، قاغىلىق ، قەشقەر ، ئاۋات قاتارلىق جايلاردا تارماق دۇكانلىرىنى ئاچقان

2008- يىلى تورسودىسىدىكى بوشلڭقنى ھېس قىلىپ، ئۆزدىيارىنىزدىكى ئەمەلىي دۇكانلىرى ئاساسىدا تور دۇكان سودىسىنى باشلىغان

­­­2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭدا رويىخەتكە ئالدۇرۇپ دىيارىمىزدىكى داڭلىق سوداچەمبىرىكى بولغان مەركىزى شەھەر  ئۈرۈمچىدە  شىنجاڭ ئەلنۇر پەن -تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان .

شىنجاڭ ئەلنۇر ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى خەلقئارادا داڭلىق ماركا ياراتقان ئالما،سەنشىڭ، قارا بۆلجۈرگەن،شىياۋمى،خۇاۋېي قاتارلىق يانفون،تاختا كومپيۇتېر ۋە ھەرخىل ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى زاۋۇتتىن بىۋاسىتە كىرگۈزۈپ،توپ ۋە پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇلىنىمىز .

تىز سۈرئەت ،سۈپەت، ئىشەنچ ،ھەمكارلىق ،تىرىشىش ، ئىزدىنىش ،ئەمىلي دۇكان

، ئەلا مۇلازىمەت ، ئېلغار تېخنىكا، سەمىيمىي تىجارەت ئارقىلىق ئېلېكترون ساھەسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەلنۇرنىڭ  مەجبۇرىيتى .

شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىپ چىقىرىش شۇنداقلا زاۋۇتتىن بىۋاسىتە مال بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنتىزىم  شىركەت  ، سودىدىكى سەمىمىيتى ۋە سېتىشتىن كىيىنكى ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن، ئەلنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.



شىركەت لىدىرىنىڭ تەرجىمىھالى

مۇھەممەتتورسۇن ئابدوغىنى:

买吐送.阿布都艾尼

   1979_يىلى11-ئاينىڭ 1_كۈنى شىنجاڭ خوتەن كېرىيەدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .كىچىكىدىن ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيەسىدە ئۈسۈپ يېتىلىپ،باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىن باشلاپ ئۆزخىراجىتىنى ئۆزى قىلىش ئارزوسىدا ئۇششاق تىجارەتلەرنى باشلىۋەتكەن .تولۇق ئوتتۇرىدىمۇ ئارام ۋە دەم ئىلىش كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكۈزمەي،ئىزچىل تىجارەت بىلەن شوغۇللونۇپ ،ئۆزىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللەتكەن .

1998-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكتىرون تېخنىكىسىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.گەرچە خەنزۇچە سەۋىيەسى تۆۋەنلىك سەۋەبىدىن تىل جەھەتتە قىينالغان بولسىمۇ،قىلچەبەل قويۇۋەتمەي جاپالىق ئۆگىنىش ئارقىلىق،يىل ئاخىرىدائوقۇش پولى كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە مەكتەپ تەرىپىدىن ئىلغار باھالىنىپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئوقۇش جەريانىدا يەنە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي تىجارەت يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىپ ھەرخىل تىجارەتلەر بىلەن شىۇغۇللانغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئائىلىسىدىكىلەرگەپۇل ئەۋەتىپ ،ئاتا-ئانىسىنى چىقىمدار قىلماي تۇرۇپمۇ ،ئۆزىنىىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.

مەكتەپ ھاياتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەشتىن باشلاپ ئەلرازى يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش قاتارلىق جەريانىدا باشتىنكەچۈرۈپ ،يەنىلا ئۆز كەسپىگە لايىق ئېلېكتىرون ساھەسىدە ئىزدىنىش مەقسىتىدە 2005_يىلى يىل ئاخىرىدا گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىگە بېرىپ شو يەردە ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى باشلىۋەتكەن.

   2006_يىلدىن باشلاپ پاكىستان،رۇسىيە ئۆزبېكىستان،قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىپ ،2008-يىلىغا كەلگەندە تور سودىسىدىكى بوشلۇقنى ھېس قىلىپ ،ئۆز دىيارىمىزدىكى بار بولغان ئەمەلىي دۇكانلار ئاساسىدا تور دۇكان سودىسىنى باشلىۋەتكەن.

      بىر تەرەپتىن سودا قىلىپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرىلەپ ئوقۇپ 2014-يىلغا كەلگەندە بېيجىڭ چىڭخۇا ئونۋىرسىتىتى شانال ئىگىلىك تىكلەش مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان يۇقىرى دەرىجىلىك لىدىر تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇش باشلىغان ھازىر داۋاملىق ئوقۇۋاتىدۇ...